GTA6 نىمىشقا تارقىلىش ۋاقىتىنى كىچىكىدۇ ؟
بىر ئويۇننى 13 يىل ساقلاپ ئىلان قىلىنىشقا يىرىم يىل قالغان ۋاقىتتا ئورگان تەرەپنىڭ يەنە ئالتە ئاي كىچىكتۈرىشى ، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنى تولىمۇ غەزەپلەندۈردى ،
بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى GTA6 ئويۇنىنى تەتقىق قىلىپ ئىچىش مۇرەككەپلىك دەرىجىسى بىز ئادەتتە ئوينايدىغان 王者荣耀 ياكى PUBG تىن نەچچە يۈز ھەسسە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ ،
PUBG ئويۇنىنى بىر كورىيەلىك ئەر ئۆزىنىڭ ئىلھامىغا تايىنىپ ئۆيىدىلا ياساپ تەييار قىلغان بولسا ،
GTA6 ئويۇنىغا ئەنە شۇنداق تەسەۋۋۇرغا باي ئويۇن ياسىغۇچى خادىمدىن نەچچە مىڭ نەپەر كىتىشى مۇمكىن ، چۈنكى GTA6 荒野大镖客2 گە ئوخشاش ئويۇنلار ئارقا كۆرنىشى پۈتكۈل بىر شەھەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان بولۇپ ، شەھەردىكى ماشىنىلار ، ئىمارەتلەر ، ھەر بىر ئادەمنىڭ مودىلى دەل دەرەخلەر تاغلار ، دىڭىز شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلارنى بىر – بىرلەپ لاھىيەلەشكە تۇغىرا كىلىدۇ ، شۇسەۋەبلىك Rockstar ئويۇنلىرى ئويۇن تارىخدىكى ئىشلىنىشى ئەڭ مۇرەككەپ ، ياسىلىش تەنەرخى ئەڭ يۇقىرى ئويۇن ھىسابلىنىدۇ ،
ئۇنداقتا ئويۇن زادى نىمىشقا كىچىكىدۇ ،
مىنىڭچە ئويۇننى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا چوقۇم قايتىدىن ئويۇن ئىچىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە توغىرا كىلىدۇ ، ئويۇن تارقىتىلىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا ئويۇن ئىچدە ھىكايىلەرنى باغلىنىشى ياكى ئۇششاق مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈشكە ۋاقىت يىتىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن ،
يەنە بىر قىسىم ھەۋەسكارلار قىززىقىپ سورىشى مۇمكىن ئويۇن ئىچىدىكى خاتالىقنى تۈزۈتۈشكە يىرىم يىل ۋاقىت كىتەمدۇ ؟
ئەلۋەتتە كىتىدۇ ، چۈنكى GTA6 ئويۇنى پۈتۈن بىر مەۋھۈم شەھەرنى بەرپا قىلغان بولۇپ ئالدىنقى ئەۋلاد GTA5 ئويۇنىغا ئوخشىمايدىغان يىرى مەزكۇر ئويۇنغا تەبئىي ھاۋا -رايى ھالىتى قوشۇلغان بولۇپ ئويۇن ئوينىلىش جەريانىدا تۇيۇقسىز يامغۇر يىغىشى ياكى بوران چىقىشى مۇمكىن بۇ ھالەتنىڭ ئالمىشىشىدا ھىچقاندان دەۋرىلىك ياكى تەرتىپ يوق ، شۇنچىلىك تەبئى ،
ئويۇنغا يەنە سۈنئى ئەقىل مودى قوشۇلغان بولۇپ ، ئىنسانلار جەمىيىتىگە تىخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇلغان ، ئالدىنقى ئەۋلاد GTA5 ئويۇنىغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ھەركىتى رىتىملىق ئەمەس ، ئويۇن ئىچىدىكى ھەرخىل ئىش پالىيەتلەر ، شۇنچىلىك تەبئى بولۇپ ، يولدا كىتىۋاتقىنىڭىزدا قاتناش ھادىسىنى كۆرىشىڭىز ، ياكى دوستىڭىزغا تىلفۇن قىلغاندا ئۆزىنىڭ زۇكانداپ قالغانلىقىنى سىزبىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىشى مۇمكىن ،
مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئىنچىكە ھالقىلار ئويۇننىڭ ئىشلىنىش قىيىنلىقىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۋەتكەن ،
يەنە ئورگان تەرەپ ئويۇننىڭ كىچىكتۈرىلىش خەۋىرى بىلەن بىرگە ، بىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورىغان ۋە ، مەزكۇر ئويۇننىڭ بىزنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئويناپ باققان ھەرقانداق بىر ئويۇنغا ئوخشىايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ،
Rockstar ئويۇن شىركەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ مۈكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان بىر شىركەت ، ئۇلار ئادەتتە 10 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا بىر قىتىم ئويۇن ئىلان قىلىدۇ ، ھەتتە ھازىرقى GTA5 ئويۇنى بىلەن GTA6 ئويۇنى ئارىسىدا 12 يىل ۋاقىت بار ، ئويۇننىڭ كىچىكىشى توغۇرسىدا يەنە Rockstar شىركىتى ئىلان قىلىنماقچى بولغان GTA6 ئويۇنىنىڭ ئالدىنقى ئەۋلاد GTA5 – بۆلۈمگە قارىغاندا مۇرەككەپلىك دەرىجىسى 3 ھەسسە يۇقىرى بوولۇپ ، شۇ سەۋەبلىك ئويۇننىڭ ئىشلىنىش ۋاقىتى كۆرىنەرلىك ئىشىپ كەتكەن ، ئويۇن ئىشلەشكە قاتناشقان ئويۇن ئىشلىگۈچى خادىملار تەبىلا كۆپ بولغان ،
ئويۇننىڭ يەنە بىر كىچىكىشىدىكى سەۋەب بولسا ، 5- ئايغا قارىغاندا 9- ئايدىن تارتىپ 11- ئايغىچە بولغان ئارلىق ئويۇن بازىرىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ ، بۇ مەزگىل پۈتۈن دۇنيانىڭ قىشلىق تەتىل ياكى ئارام ئىلىش مەزگىلىگە توغىرا كىلىدۇ ، يىڭى يىل روجىسسىۋا بايرىمىغا توغرا كىلىدۇ ، يەنە بۇ شىركەت Crunch مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ ، خىزمەتچىلەرنىڭ بىسىمىنىڭ ئىشىپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتقان ، ئۇنداقتا سىزمۇ GTA6 ئويۇنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى بايان قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ،
2025-12-15 03:20:18 يېڭىلانغان، بەز ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار، ئەگەر خاتا ياكى ئۈنۈملۈك مۇددىتى توشقان بولسا، تۆۋەندە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى QQ1703505739بىلەن ئالاقىلىشىڭ




ھازىرچا ئىنكاس يوق